ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1741كونا گەپ قۇلاققا ياقماس.
  2. 1742كونىنى ياماپ كىي، يېڭىنى ئاياپ.
  3. 1743كىرىشتىن ئاۋۋال چىقىشنى ئويلا.
  4. 1744كىشى قايغۇسى ئېتەككە، ئۆز قايغۇسى يۈرەككە.
  5. 1745كىشىدىكى پۇل چۈشىدىكى پۇل.
  6. 1746كىشىدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر.
  7. 1747كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار.
  8. 1748كىشىنىڭ ئون «ھە-ھۇ» سىدىن، ئۆزىنىڭ بىر غەيرىتى ياخشى.
  9. 1749كىشىنىڭ ئىشىغا تومۇزدا قول توڭلار.
  10. 1750كىشىنىڭ ئېتى ئات ئەمەس، ئىككى پۇتۇم يات ئەمەس.
  11. 1751كىشىنىڭ ئېشىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرايدۇ.
  12. 1752كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.
  13. 1753كىشىنىڭ تىلىغا ئەمەس، دىلىغا قارا.
  14. 1754كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.
  15. 1755كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ.
  16. 1756كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
  17. 1757كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  18. 1758كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  19. 1759كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قولىدا.
  20. 1760كىشىگە قىلساڭ يامانلىق، ساڭىمۇ يوقتۇر ئامانلىق.
  21. 1761كىشىگە كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشەر.
  22. 1762كىمنى سۆيسەڭ، شۇ چىرايلىق.
  23. 1763كىمنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدىسەڭ، شۇنىڭ ناخشىسىنى ئېيىت.
  24. 1764كىيمنى يامىغىلى بولار، قورساقنى يامىغىلى بولماس.
  25. 1765كىيىمڭگە قاراپ قارشى ئالىدۇ، ئەقلىڭگە قاراپ ئۇزىتىدۇ.
  26. 1766كىچىككىنە تاش يارىدۇ باش.
  27. 1767كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال.
  28. 1768كۆرسە ھالى يوق، كۆرمىسە كارى يوق.
  29. 1769كۆرمىدىم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز، كۆردۈم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز.
  30. 1770كۆرمەككە بار، يېمەككە يوق.
  31. 1771كۆرمەي تۇرۇپ ئاق دېمە، سىنىماي تۇرۇپ ساق.
  32. 1772كۆرگەن ئاڭلىغاننى يېڭىپتۇ.
  33. 1773كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر.
  34. 1774كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
  35. 1775كۆز دېگەن كامار نېمە، كۆرمىسە بىكار نېمە.
  36. 1776كۆز قورققاق، قول باتۇر.
  37. 1777كۆز كىچىك بولسىمۇ، كۆرىدىغىنى كەڭ.
  38. 1778كۆز كۆرمەي، كۆڭۈل سۆيمەس.
  39. 1779كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق.
  40. 1780كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق.
  41. 1781كۆزى تويماسنىڭ غېمى تۈگىمەس.
  42. 1782كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق.
  43. 1783كۆزۈم قارىغۇ، قولىقىم ساغىرۇ.
  44. 1784كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت، قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى.
  45. 1785كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان يالغان.
  46. 1786كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە.
  47. 1787كۆكتىن تىلە، يەردىن تاپ.
  48. 1788كۆلنىڭ سېسىشى پاقىغا ياراپتۇ.
  49. 1789كۆلنىڭ يارىشىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال.
  50. 1790كۆنگەن كۆڭۈل كۆمۈلگۈچە.
  51. 1791كۆيگەن ئوتنىڭ تۈتۈنى يوق.
  52. 1792كۆيگەن جۇۋانغا ئات تېزىكى ئاي كۆرۈنەر.
  53. 1793كۆيگەنگە كۆي، كۆرۈنگەنگە كۆيمە.
  54. 1794كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسقى يوق كاڭدىن كات.
  55. 1795كۆپ ئويلا، ئاز سۆزلە.
  56. 1796كۆپ خوتۇن ئالغان ئەسكى- تۈسكى يىغار، كۆپ ئەرگە تەگكەن يوتقان-كۆرپە.
  57. 1797كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ قەرزى تولا، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ ئەرزى تولا.
  58. 1798كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ ياقىسى پىت، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلىكى چىت.
  59. 1799كۆپ سۆز ئېشەككە يۈك.
  60. 1800كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى