ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 1801كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
- 1802كۆپ كۆرگەن كۆپ بىلەر.
- 1803كۆپ ياتقان ئوت كۆككە يېتەر.
- 1804كۆپ يىلقا ئارىسىدا توكۇر قۇلۇن بىلىنمەس.
- 1805كۆپتىن توشقان قېچىپ قۇتۇلماس.
- 1806كۆپتىن ياخشى ئەقىل چىقار.
- 1807كۆپتىن يامانلاپ كۆمۈلمەي قاپتۇ.
- 1808كۆپنى كۆرۈپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ.
- 1809كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ.
- 1810كۆپنىڭ كۈچى تاغ كۆتۈرەر.
- 1811كۆپنىڭ مېلىنى ئوغرى ئالماس.
- 1812كۆڭلى زەھەرنىڭ قولىمۇ زەھەر.
- 1813كۆڭلى قارىنىڭ يۈزى قارا.
- 1814كۆڭلۈڭ رەنجىسە كۈلۈپ ئوينا.
- 1815كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش.
- 1816كۆڭۈل ئاغرىقىنى كۆڭۈل بېرىپ ئال.
- 1817كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا تويمايدۇ.
- 1818كۆڭۈل شادلىقنى تىلەر، ئېغىز تاتلىقنى.
- 1819كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر،
- 1820كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار.
- 1821كۆڭۈلنى بۇزما، ئۈمىدنى ئۈزمە.
- 1822كۆڭۈلنىڭ تۈۋرۈكى سەۋر.
- 1823كۆڭۈلنىڭ كىرىنى ئېيتسا كېتەر، كىيىمنىڭ كىرىنى يۇسا.
- 1824كۆڭۈلگە ياقمىسا، كۆزگە ياقماس.
- 1825كۈتكەندە مېھمان كەلمەس، ياسانغاندا يىغا.
- 1826كۈزدە توي تولا، ئەتىيازدا ئۆلۈم.
- 1827كۈلكىسى يوق توي بولماس، يىغىسى يوق ئۆلۈم.
- 1828كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، يىغا قىسقارتىدۇ.
- 1829كۈلكە بىلەن يىغا قوشكېزەك.
- 1830كۈلمە كىشىنىڭ دەردىگە، ئۆزۈڭگە كىلەر ئەتە.
- 1831كۈلگەك قىزغا يىگىت ئەگىشەر، چىچقاق بالىغا ئىت.
- 1832كۈلگەننىڭ ھەممىسى دوست ئەمەس، ھومايغاننىڭ ھەممىسى دۈشمەن.
- 1833كۈلەلمىگەن ھالىڭغا ھىجايما.
- 1834كۈن زېمىننى يورۇتار، بىلىم زېھنىنى.
- 1835كۈن چىقمىسىمۇ كەچ بولىدۇ.
- 1836كۈنداشلىق ئۆيدە كۈندە جېدەل.
- 1837كۈندىن قالدىڭ ئايدىن قالدىڭ، ئايدىن قالدىڭ يىلدىن قالدىڭ.
- 1838كۈندۈزى سۆزلۈگەك، كېچىسى جۆيلۈگەك.
- 1839كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا، كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ.
- 1840كۈندۈزى ناخشا ئېيىتقان دەردى بار كىشى، كېچىسى ناخشا ئېيىتان يارى بار كىشى.
- 1841كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.
- 1842كۈنلۈك ئىش قىلساڭ سەھەردىن باشلا، يىللىق ئىش قىلساڭ باھاردىن.
- 1843كۈنلۈك يولغا چىقساڭ، ئايلىق ئوزۇق ئال.
- 1844كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس.
- 1845كۈننى توسىۋالغىلى بولماس، ۋاقىتنى سېتىۋالغىلى بولماس.
- 1846كۈنىگە بىر ئالما يېسەڭ، تىۋىپ ئىزدىمەيسەن.
- 1847كۈنۈڭ ئۆتمىسە، بازار چۆگىلە.
- 1848كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
- 1849كۈيە كەلدى، خان كەلدى.
- 1850كۈچ بار تاغقا چىقار، ئەقلى بار كۆككە.
- 1851كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە.
- 1852كۈچى يوقنىڭ ئاچچىقى يامان.
- 1853كېتىمەن دەپ ئوتۇڭنى ئۆچۈرمە.
- 1854كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت.
- 1855كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىىرى يوق.
- 1856كېسەل ساقايغۇچى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر.
- 1857كېسەل پاتمانلاپ كىرىپ، مىسقاللاپ چىقار.
- 1858كېسەللىك ئېغىزدىن كىرەر.
- 1859كېسەلنىڭ كېلىشى ئاسان، كېتىشى تەس.
- 1860كېسەلگە ئېيىتقان تەسەللى دورىدىنمۇ تېز ئۈنۈم بېرەر.