مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
  2. 2باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
  3. 3قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.
  4. 4ئالتە ئاي ياز ئىشلەپ، قالدىم لېۋىمنى چىشلەپ.
  5. 5بوي ئىشلىمەي، قول ئىشلەر.
  6. 6باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
  7. 7باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
  8. 8باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش