ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1981مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرار، مېۋىسىز دەرەخ غادىيىپ.
  2. 1982مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى تۆۋەن.
  3. 1983مەدداھ گەپ سېتىشتىن ئۇيالماس، ھورۇن پىت بېقىشىتىن.
  4. 1984مەرتەم-مەرتەم، ئۈچ مەرتەم.
  5. 1985مەرد باتۇر يىقىتىدۇ، ئۆلتۈرمەيدۇ.
  6. 1986مەرد بولساڭ مەيدانغا چۈش.
  7. 1987مەرد يوقلۇقنى بىلىندۇرمەس، تۇلپار ئاچلىقنى.
  8. 1988مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى.
  9. 1989مەست بىلەن بىللە ماڭساڭ ماڭ، نەس بىلەن بىللە ماڭما.
  10. 1990مەستلىك-پەستلىك.
  11. 1991مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
  12. 1992مەسلىھەتنى دوستۇڭغا سال، كېڭىشىشنى ئۆزۈڭ قىل.
  13. 1993مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى.
  14. 1994مەن بىلمەيدىغان بازار ئەمەس، پۇل بەرمىگۈچە نان بەرمەس.
  15. 1995مەن دوپپىچى بولسام، كىشىلەر باشسىز تۇغۇلۇپتۇ.
  16. 1996مەن سالا، سەن سالا، ئاتقا چۆپنى كىم سالا.
  17. 1997مەن كۆرمىگەن يېرىڭ بارمۇ،سىڭار يېقىڭ تاتۇق.
  18. 1998مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا.
  19. 1999مەنسەپ گۆرگە يېقىن، مەرىپەت گۈلگە.
  20. 2000مەنمۇ ئىدىم سېنىڭدەك، سەنمۇ بولارسەن مېنىڭدەك.
  21. 2001مەنىسىز ياشلىق-سايدىكى تاشلىق.
  22. 2002مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست.
  23. 2003مەيلى بارغا مايىل بول.
  24. 2004مەيلىڭ بولسا مەيخانا، چىلم بولسا سەيخانا.
  25. 2005نادان گۈلگە يۈگۈرىدۇ، زېرەك مېۋىگە.
  26. 2006نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.
  27. 2007نادانغا بېرىلگەن مەنسەپ-كىچىك بالىغا تۇتقۇزۇلغان ئۇستىرا.
  28. 2008نادانلىق قاراڭغۇلۇقتىن يامان.
  29. 2009نادانلىقنىڭ ئاقىۋىتى گادايلىق.
  30. 2010ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ.
  31. 2011ناز قىزغا يارىشار، غاز كۆلگە.
  32. 2012نامرات بولساڭ شەھەر قوغلاش.
  33. 2013نان تۇرۇپ قالسا سۇغا يۈگۈر، سۇ تۇرۇپ قالسا گۆرگە.
  34. 2014نان يۈز قولدىن ئۆتۈپ ئېغىزغا كىرەر.
  35. 2015ناندانغا گەپ ئاڭلاتماق-تۆگىگە خەندەك كولاتماق.
  36. 2016ناننى تۇنۇرنىڭ قىزىقىدا ياق.
  37. 2017ناۋاينىڭ نېنى پىشقۇچە يېڭى كۆيەر.
  38. 2018نوھنىڭ كېمىسى توپاندىن قورقماپتۇ.
  39. 2019نىكاھ غايىب، رىزقى غايىب.
  40. 2020نىكاھ- ئۆمۈر سودىسى.
  41. 2021نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.
  42. 2022نېسى ئېلىشقا ھاي-ھاي، پۇلنى بېرىشكە ۋاي-ۋاي.
  43. 2023نېسى ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ قۇرۇق دەپتەرگە قاراپ.
  44. 2024نېسى يېمەڭ گۆشنى، تېشىپ چىقىدۇ تۆشنى.
  45. 2025نېسىنى دەپ نەققتىن قۇرۇق قاپتۇ.
  46. 2026نېمىدىن قورۇقساڭ شۇنىڭغا يولۇقىسەن.
  47. 2027نېمە دېسەڭ شۇنى ئاڭلايسەن.
  48. 2028نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق.
  49. 2029نەشتىرىنى ئۇزۈۋالساڭ، يىلان دېگەن يېرىم غۇلاش كۇلاھ.
  50. 2030نەشپۈتنى نەۋرەڭگە قوي، شاپتۇلنى مېھمانغا.
  51. 2031نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل.
  52. 2032نەپسى بالا- جانغا بالا.
  53. 2033نەپسى دېگەن بالادۇر، ئاخىر ئوتقا سالادۇر.
  54. 2034نەپسى يوق سۇلتان بولماس، ياقىسى يوق چاپان.
  55. 2035نەپسىنىڭ تىزگىنىنى ئەقىل تۇتسۇن.
  56. 2036نەگە بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
  57. 2037يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم.
  58. 2038يا ئەلەمدە يوق، ياقەلەمدە.
  59. 2039يا گۆش ئەمەس، يا بەز ئەمەس.
  60. 2040يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى