ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1921مالنى باقساڭ توق بولار، باقمىساڭ يوق بولار.
  2. 1922مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن.
  3. 1923مالنى كېپەككە ئال، باققۇچىنى ئالتۇنغا.
  4. 1924مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ.
  5. 1925مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
  6. 1926مايماق توكۇرنى دوراپتۇ.
  7. 1927ماڭا كەلگەندە ساينىڭ سۈيى توختاپتۇ.
  8. 1928ماڭغان پۇتقا توپا يۇقار.
  9. 1929ماڭغۇسى كەلمىگەن ئۇي، بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرار.
  10. 1930موزاي قوزۇققا چوڭلۇق قىلار.
  11. 1931موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە.
  12. 1932موللىغا ئون تاياق، نادانغا بىر تاياق.
  13. 1933موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما.
  14. 1934موللىنىڭ قارنى بەشتۇر، بىرى ھەمىشە بوشتۇر.
  15. 1935موللىنىڭ ياخشىسى تەمەرگە ئەمەس، مۇساپىرنىڭ ياخشىسى قەلەندەر.
  16. 1936موماي باققان بالا، تامدىن سەكرىگەن كالا.
  17. 1937مىدىرلىغان قىر ئاشار.
  18. 1938مىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.
  19. 1939مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، قىڭغىر ھارۋا يول.
  20. 1940مىننەتلىك ئېشىڭدىن، قارنىمنىڭ ئېچى ياخشى.
  21. 1941مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
  22. 1942مىڭ ئۆلۈكتىن بىر تىرىك ئەلا.
  23. 1943مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن، بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى.
  24. 1944مىڭ دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ.
  25. 1945مىڭ سەرنى يوقاتقان بىر سەر.
  26. 1946مىڭلىققا بۆرە تەگسە، بىرلىككە پىچاق ئېلىپ يۈگۈرەر.
  27. 1947مۇت-زەھەر بولسىمۇ يۇت.
  28. 1948مۇزلىساڭ مۇز يە.
  29. 1949مۇزنىڭ ئۆمرى باھارغىچە.
  30. 1950مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.
  31. 1951مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  32. 1952مۇشت بەرگەنگە ئاش بەر.
  33. 1953مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.
  34. 1954مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
  35. 1955مۇھەببەت كۆرۈنمەيدىغان ئوت، تۈگىمەيدىغان دەرد.
  36. 1956مۇھەببەت چىراي تاللىماس، ئۇيقۇ يەر (تاللىماس).
  37. 1957مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولماس.
  38. 1958مۈدۈرمەيدىغان ئات يوق، يېڭىلىشمايدىغان ئادەم.
  39. 1959مۈشۈك چۈشىدە چاشقان كۆرەر.
  40. 1960مۈشۈك گۆشكە بوي يەتمىسە، سېسىقكەن دەر.
  41. 1961مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن.
  42. 1962مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە.
  43. 1963مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، گۆشكە ئامراق.
  44. 1964مۈشۈكى ياخشى ئۆينىڭ تاغرى ساق.
  45. 1965مۈكچەيگەننىڭ بېلىنى كەتمەن تۈرەيدۇ.
  46. 1966مېلى ناچار سودىگەر، مېلىنى ھەممىدىن بەك ماختايدۇ.
  47. 1967مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن.
  48. 1968مېنىڭ ئېتىم بېگىلى، ئەرگە تەگدىم يېگىلى.
  49. 1969مېڭىشقا ئېرىنسەڭ، كېيىن يۈگۈرىسەن.
  50. 1970مېڭىشنى بىلمىگەن ئۇي قىرنى بۇزىدۇ.
  51. 1971مېڭىشى ئۆزگەرگەن بىلەن، مېڭىسى ئۆزگەرمىگەن.
  52. 1972مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆچ سىنار.
  53. 1973مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە.
  54. 1974مېھمان قويدىن ياۋاش.
  55. 1975مېھمان مېھماندىن قىزغىنار، ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىسىدىن.
  56. 1976مېھماننىڭ ئۆزىنى باققۇچە، ئېتىنى باق.
  57. 1977مېھماننىڭ مەستلىكى كەيپ، ساھىبخاننىڭ مەستلىكى ئەيىب.
  58. 1978مېھنەت- ئۇنىڭ تېگى راھەت.
  59. 1979مېھنەتنىڭ تېگى راھەت، ناداننىڭ تېگى گادايلىق.
  60. 1980مېۋىسىز دەرەخكە كىم باقىدۇ، مېۋىلىك دەرەخكە ھەركىم قول ئۇزىتىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى