ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 121ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەر.
  2. 122ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن.
  3. 123ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا، ئاز يەپ كۆپ چاينا.
  4. 124ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقار.
  5. 125ئازگال يەر سۇ ئىچكۈچە، دۆڭ يەر نەم تارتىدۇ.
  6. 126ئاستا ماڭغان تاغ ئاشار، يۈگۈرگەن باغ.
  7. 127ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
  8. 128ئاسقۇدا گۆشى بولسا، بىر كۈنى مېھمانغا يارار.
  9. 129ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم جان تاتلىق.
  10. 130ئاسمان يەرگە يامغۇر ياغدۇرسا، يەر ئاسمانغا توزان توزۇتار.
  11. 131ئاسمانغا تۈكۈرسەڭ، يۈزۈڭگە چۈشەر.
  12. 132ئاسمانغا چىقسا تاپىنىدىن، يەرگە كىرسە كوكولىسىدىن.
  13. 133ئاسماننىڭ باسقۇچى يوق.
  14. 134ئاسماننىڭ قۇشىنى يەرنىڭ يېمى ھالاك قىلار.
  15. 135ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپتۇ.
  16. 136ئاش قەدرىنى بىلمىسەڭ، ئاچلىق بەرسۇن جاجاڭنى.
  17. 137ئاش كەلسە ئاغزىڭنى ئاچ، سۇ كەلسە سۈڭگۈچۈڭنى.
  18. 138ئاشتىن يامانلىغان تاۋاق چاقىدۇ.
  19. 139ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار.
  20. 140ئاشلىق ئاسان ، جۇدالىق تەس.
  21. 141ئاشلىق يولى ئازاب يولى.
  22. 142ئاشلىقتا ئۆلۈم كۆزگە كۆرۈنمەس.
  23. 143ئاشلىققا باغداد يىراق ئەمەس.
  24. 144ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما.
  25. 145ئاشنى باداڭدىن سورا ، ئىشنى كاداڭدىن.
  26. 146ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە.
  27. 147ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن، ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن.
  28. 148ئاغرىق كۈچۈيسە جېنىڭنى ئالار، دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى.
  29. 149ئاغرىمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  30. 150ئاغزى ئىتتىكنىڭ دوستى ئاز.
  31. 151ئاغزى شېكەر، كۆڭلى زەھەر.
  32. 152ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
  33. 153ئاغزى يامان دەپ تويماس، نەپسى يامان يەپ تويماس.
  34. 154ئاغزى يۇمشاق موزاي قوش ئەمچەك ئېمەر.
  35. 155ئاغزى يۇمشاق گۆش يەيدۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت.
  36. 156ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق.
  37. 157ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە.
  38. 158ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قولۇڭ ئىشتا بولسۇن.
  39. 159ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى ئىت.
  40. 160ئاق سۆيدۈرەر، قارا كۆيدۈرەر.
  41. 161ئاق قويدىن قارا قويمۇ تۇغۇلىدۇ.
  42. 162ئاقساق يول تالىشار، پىخسىق پۇل.
  43. 163ئاقنىڭ سەتلىكى بىلىنمەس، قارىنىڭ چىرايلىقى.
  44. 164ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.
  45. 165ئاكا-ئۇكىنىڭ ئازارى بولسىمۇ، بىزارى يوق.
  46. 166ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ.
  47. 167ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق.
  48. 168ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنىچى ئايدا كالتە چاپان.
  49. 169ئالتۇن ئوتتار بىلىنەر، ئادەم مېھنەتتە.
  50. 170ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز.
  51. 171ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە، پاخمىۋاش ئاناڭ بىلەن قال.
  52. 172ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسۇن، ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن.
  53. 173ئالتۇن كۆرگەندە پەرىشتە يولدىن ئېزىپتۇ.
  54. 174ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.
  55. 175ئالتۇنلۇق ئۆيدىن كۆڭۈلنىڭ تېنىچلىقى يامان.
  56. 176ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگار بىلۇر.
  57. 177ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر چاپانغا يەتمەپتۇ.
  58. 178ئالتە ئاي ياز ئىشلەپ، قالدىم لېۋىمنى چىشلەپ.
  59. 179ئالتە ئۆلچەپ بىر كەس.
  60. 180ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى