ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 181ئالتە تەڭگەم بار، ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار، قىز ئالىمەن.
  2. 182ئالتە كۈنلۈك مېھمان.
  3. 183ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن ھارۋا قاتنايدۇ.
  4. 184ئالدى چاق نەدە ماڭسا، كەينى چاق ئىزدا ماڭىدۇ.
  5. 185ئالدىدا قول قىسىشار، ئارقىدا تاش ئېتىشار.
  6. 186ئالدىرىغان ئىت تامغا سەكرەر.
  7. 187ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئارىلىشار.
  8. 188ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تەزىم قىلىپتۇ.
  9. 189ئالدىرىغاندا قارىغۇدىن يول سوراپتۇ.
  10. 190ئالدىرىغاندا قولىدىكىنى قىرىق قېتىم ئىزدەپتۇ.
  11. 191ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تىيىپتۇ.
  12. 192ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا.
  13. 193ئالغاننىڭ قولى يۇمشاق، يېگەننىڭ تىلى.
  14. 194ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۈچى چاشقان.
  15. 195ئالغۇچە ئالمان، بەرگۈچە بەزگەك.
  16. 196ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
  17. 197ئالما ئۆز دەرىخىدىن يىراققا چۈشمەس.
  18. 198ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى.
  19. 199ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ.
  20. 200ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.
  21. 201ئالىمەن دېسەڭ ئاۋۋال بەر.
  22. 202ئالۋاستى بوش كەلگەننى باسىدۇ.
  23. 203ئامالىم يوق دېگۈچە، ئەقلىم يوق دېگىن.
  24. 204ئامانەتنى تۇتماڭ، يوقالسا تۆلەرسىز، تام تۈۋىدە ئولتۇرماڭ، يىقىلسا ئۆلەرسىز.
  25. 205ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ.
  26. 206ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل، كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.
  27. 207ئانا قۇشقاچ پاتقان كامارغا بالا قۇشقاچ پاتماپتۇ.
  28. 208ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
  29. 209ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس.
  30. 210ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار.
  31. 211ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە.
  32. 212ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس.
  33. 213ئاي توشمىغۇچە ئېتىڭنى ماختىما، يىل توشمىغۇىچە قۇداڭنى.
  34. 214ئاي قوتانلىسا ئايدا ياغار، كۈن قوتانلىسا كۈندە.
  35. 215ئاي كۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە.
  36. 216ئاي نۇرى قانچىلىك يورۇق بولسىمۇ، قۇياشنىڭكىگە يەتمەس.
  37. 217ئاي يورۇقى ئوغۇرغا باقماس.
  38. 218ئاي چىققاندا يۇلتۇز كۆرۈنمەس.
  39. 219ئاياغ يۈگۈركى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
  40. 220ئاياغقا تارتساڭ باشقا يوق، باشقا تارتساڭ ئاياغقا.
  41. 221ئاياغقا چىقماي، باشقا يوق.
  42. 222ئايدا كەلگەندە ئاياغ، كۈندە كەلگەندە تاياق.
  43. 223ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران.
  44. 224ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ.
  45. 225ئاينىڭ بېشىدىن قورۇققۇچە، بەشىدىن قورق.
  46. 226ئايىدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ.
  47. 227ئاپتاپ يەرنى تاۋلايدۇ،جاپا ئەرنى.
  48. 228ئاپتاپنىڭ چىقىشىغا باق، سۇنىڭ ئېقىشىغا.
  49. 229ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ، ھوشيار بول.
  50. 230ئاچ ئىتقا بەرسەڭ، توق ئىت خىرقىرار.
  51. 231ئاچ ئېيىق ئوينىماس.
  52. 232ئاچ بۆرە ئالدىدا قوي ھامان گۇناھكار.
  53. 233ئاچ قالغان تاماق تاللىمايدۇ.
  54. 234ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
  55. 235ئاچ قورساققا يېسە مېغىز تېتىيدۇ، توق قۇرساققا يېسە سېغىز.
  56. 236ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان.
  57. 237ئاچ كۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
  58. 238ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى دېمەس.
  59. 239ئاچارچىلقىنى باشتىن كەچۈرمىگەن، توقچىلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
  60. 240ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا ئۇنتىما.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى