ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئاش قەدرىنى بىلمىسەڭ، ئاچلىق بەرسۇن جاجاڭنى.

Latin · ULY
Ash qedrini bilmiseng, achliq bersun jajangni.
Кирил · USY
Аш қәдрини билмисәң, ачлиқ бәрсун җаҗаңни.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئېشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى، مۈشۈك بىلمەس سۆڭەڭ قەدرىنى.
  2. 2ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ. ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
  3. 3ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
  4. 4شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش چەش.
  5. 5ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  6. 6دانا قەدرىنى ئەخمەق بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق.
  7. 7مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  8. 8زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش