ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئازگال يەر سۇ ئىچكۈچە، دۆڭ يەر نەم تارتىدۇ.

Latin · ULY
Azgal yer su ichküche, döng yer nem tartidu.
Кирил · USY
Азгал йәр су ичкүчә, дөң йәр нәм тартиду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئىچ ئات تارتسا يانداق تارتماس، ئايغىر تارتسا بايتال تارتماس.
  2. 2ئۇياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ.
  3. 3ئاياغقا تارتساڭ باشقا يوق، باشقا تارتساڭ ئاياغقا.
  4. 4قېتىق ئىچكەندە ئاكا، دوغاپ ئىچكەندە ئۇكا.
  5. 5بېلىق سۇغا تارتىدۇ، توشقان سايغا.
  6. 6گۆشنى يېگەنمۇ ئوغرى، شورپىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى.
  7. 7ياغ يېگەندە يات، دەرد تارتقاندا قېرىنىداش.
  8. 8قۇرت ياغاچنى ئىچىدىن يەر.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش