ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.

Latin · ULY
Aqilgha isharet, nadan'gha juwalduruz.
Кирил · USY
Ақилға ишарәт, наданға җувалдуруз.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1نادانلىقنىڭ ئاقىۋىتى گادايلىق.
  2. 2ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
  3. 3نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.
  4. 4نادان گۈلگە يۈگۈرىدۇ، زېرەك مېۋىگە.
  5. 5نادانغا بېرىلگەن مەنسەپ-كىچىك بالىغا تۇتقۇزۇلغان ئۇستىرا.
  6. 6موللىغا ئون تاياق، نادانغا بىر تاياق.
  7. 7ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ.
  8. 8ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش