مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
  2. 2ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
  3. 3ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.
  4. 4يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  5. 5ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  6. 6ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس.
  7. 7يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
  8. 8ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش