ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 61ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ.
- 62ئاتنىڭ بىڭسىنى سايدا كۆر، قېچىرنىڭ بىڭسىنى لايدا.
- 63ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ.
- 64ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر.
- 65ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق، ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى.
- 66ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەس.
- 67ئاتىدىن ھىممەت، ئوغلىدىن خىزمەت.
- 68ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى.
- 69ئاتىسى بولۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق، ئانىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى يىغلاڭغۇ.
- 70ئاتىسى غورا يېسە، بالىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
- 71ئاتىسىزنى كۈيئوغۇل قىلما،ئانىسىزنى كېلىن.
- 72ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى.
- 73ئاتىلىق يېتىم كۈل يىتىم، ئانىلىق يىتىم گۈل يىتىم.
- 74ئاتىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا.
- 75ئاتىنىڭ ھورى بالىنىڭ دولىسىنى ئىسسىتالماس.
- 76ئاجىراشقاننىڭ كۆتى ئېچىلار، ئاجىراشمىغاننىڭ بەختى.
- 77ئاختارمىلىقنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى.
- 78ئاداشقانغا ياماشقان.
- 79ئاداشقاننى ئارقىسىدىكى بىلىدۇ، يېڭىلگەننى يېنىدىكى.
- 80ئادىل سۆز ئەقىلنىڭ تارازىسى.
- 81ئادىلنىڭ يولى بىر، تېگىشلىك بولمىغانلىقنىڭ يولى مىڭ.
- 82ئادەم ئادەمدىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس.
- 83ئادەم ئوخشاش، خۇي-پەيلى ئوخشىماس.
- 84ئادەم ئۆلمەس، رىزقى تۈگمەس.
- 85ئادەم ئۆلمەس، كۆزى تويماس.
- 86ئادەم ئۆلىدۇ، دۇنيا قالىدۇ.
- 87ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت.
- 88ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى.
- 89ئادەم ئەللىك يىلدا يېتىلىدۇ، دەرەخ ئون يىلدا.
- 90ئادەم ئەپتىدىن بىلىنەر، ئوت تەپتىدىن.
- 91ئادەم بالىسى باقساڭ، ئېغىز-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر.
- 92ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى بىلىم بىلەن.
- 93ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن.
- 94ئادەم تەمى سۆز بىلەن.
- 95ئادەم سۇنى پاسكىنا قىلار، سۇ ئادەمنى پاكىز.
- 96ئادەم قىچقارسا بارمايمەن، ئاش قىچقارسا قالمايمەن.
- 97ئادەم قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرىسىمۇ يىلتىزى.
- 98ئادەم يوق ئۆيدە، ئۆچكىسىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
- 99ئادەم يەرنى ئالدىمىسا، يەر ئادەمنى ئالدىماس.
- 100ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق.
- 101ئادەمنى ئارزۇ ئۇچۇرىدۇ، قۇشنى قانات.
- 102ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ.
- 103ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش.
- 104ئادەمنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ، قۇشنى يەم بىلەن.
- 105ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.
- 106ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.
- 107ئادەمنىڭ بىڭسى قورساقتا، ھايۋاننىڭ بىڭسى تۇياقتا.
- 108ئادەمنىڭ توغرىسى ياخشى، ئورغاقنىڭ ئەگرىسى.
- 109ئادەمنىڭ تېشىغا قارىما، ئىچىگە قارا.
- 110ئادەمنىڭ دېگىنىگە قارىما، قىلغىنىغا قارا.
- 111ئادەمنىڭ زىننىتى كىيىم، ئاتنىڭ زىننىتى توقۇم.
- 112ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە، ئىتنىڭ كۈچۈكى بول.
- 113ئادەمنىڭ كۆركى كىيىم، ئاتنىڭ كۆركى توقۇم.
- 114ئادەمنىڭ يېتى يوق، ئالتۇننىڭ دېتى.
- 115ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل.
- 116ئادەمگە كىيىم كېرەك، شەھەرگە جىرىم.
- 117ئارسلاندەك كۈچلۈك بولسۇن، تايغاندەك ھوشۇڭ.
- 118ئارغامچىنىڭ پۇلى تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭ پۇلىنى بەر.
- 119ئارمان كۆپ، دەرمان يوق.
- 120ئارمىنى يوق ياش بولماس، ھەسرىتى يوق قېرى.