ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئاچ كۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.

Latin · ULY
Ach köz toymas, béxil béyimas.
Кирил · USY
Ач көз тоймас, бехил бейимас.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئاغزى يامان دەپ تويماس، نەپسى يامان يەپ تويماس.
  2. 2يەپ تويمىغان يالاپ تويماس.
  3. 3ئوغرى بېيىماس، تەمەخور تويماس.
  4. 4كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا تويمايدۇ.
  5. 5ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقىنى ئاچ قويماس.
  6. 6قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
  7. 7ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى دېمەس.
  8. 8ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش