ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

قورقۇنچاق ھەسەتخور بولار، نامەرد قەسەمخور بولار.

Latin · ULY
Qorqunchaq hesetxor bolar, namerd qesemxor bolar.
Кирил · USY
Қорқунчақ һәсәтхор болар, намәрд қәсәмхор болар.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1قاۋىغان ئىتتىن قورقما، ئەركىلىگەن ئىتتىن قورق.
  2. 2يىلاندىن قورقان، ئارغامچىدىنمۇ قورقار.
  3. 3مالنى باقساڭ توق بولار، باقمىساڭ يوق بولار.
  4. 4ۋەتىنىگە مېھرى يوق ئوغلان بولالماس، دۈشمىنىگە قەھرى يوق پالۋان بولالماس.
  5. 5ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار.
  6. 6كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
  7. 7كۆز قورققاق، قول باتۇر.
  8. 8باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش