ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ، مىڭ قېتىم ئۆلەر.

Latin · ULY
Qorqunchaq ölmey turup, ming qétim öler.
Кирил · USY
Қорқунчақ өлмәй туруп, миң қетим өләр.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
  2. 2نان تۇرۇپ قالسا سۇغا يۈگۈر، سۇ تۇرۇپ قالسا گۆرگە.
  3. 3قاۋىغان ئىتتىن قورقما، ئەركىلىگەن ئىتتىن قورق.
  4. 4يىلاندىن قورقان، ئارغامچىدىنمۇ قورقار.
  5. 5قۇلىقى تۇرۇپ گاس، تىلى تۇرۇپ گاچا.
  6. 6كۆرمەي تۇرۇپ ئاق دېمە، سىنىماي تۇرۇپ ساق.
  7. 7ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
  8. 8كۆرمىدىم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز، كۆردۈم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش