ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 1681قۇلاق ئاڭلىغاننى، كۆز كۆرەر.
- 1682قۇلاق كۆزدىن بۇرۇن ئاشىق بولار.
- 1683قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك ياشا.
- 1684قۇلنى بارىكاللا ئۆلتۈرەر.
- 1685قۇلىقى تۇرۇپ گاس، تىلى تۇرۇپ گاچا.
- 1686قۇم يىغلىسا تاغ بولۇر، ئەر يىغىسا باغ.
- 1687قۇياش بەك چوڭ بولسىمۇ، ئۇنى توسۇشقا كىچىك بۇلۇتمۇ يېتەر.
- 1688قۇياشنىڭ نۇرى ساڭا يەتسىمۇ، ئاڭا سېنىڭ قولۇڭ يەتمەس.
- 1689قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىپتۇ.
- 1690قۇۋ تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار. « تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار.» قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا، تېزەكلىمەي قالماس.
- 1691قۇۋلۇقتىن شۇملۇق تۇغۇلار.
- 1692قېتىق ئىچكەن قۇتۇلدى، تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى.
- 1693قېتىق ئىچكەندە ئاكا، دوغاپ ئىچكەندە ئۇكا.
- 1694قېرى ئات ئوقۇر بۇزماس.
- 1695قېرى بىلگەننى، پىرى بىلمەس.
- 1696قېرى خوتۇن ياش بولدى، جۇۋانلارغا تەس بولدى.
- 1697قېرى قىز ئەر تاللىماس.
- 1698قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس.
- 1699قېرى كالا پىچاقتىن قورۇقماس.
- 1700قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا.
- 1701قېرىشقاننىڭ قارنى ئاچ.
- 1702قېرىشقاننىڭ قىزىنى ئال.
- 1703قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر.
- 1704قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.
- 1705قېرىلار بۇ دۇنيانىڭ مېھنىتى.
- 1706قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس، ياشلىق بىلەن تۇرماس.
- 1707قېرىنى قاپتا ساقلا، ئۆلۈكنى ھەپتە ساقلا.
- 1708قېرىنىڭ چىشى يوق، تۆشكە ئامراق.
- 1709قېرىىنداشتىن قارنىم ياخشى.
- 1710قېلىنلىق يېرىم دۆلەت.
- 1711قېىتىق نانغا ئۈلگۈرمىدى، نان قېتىققا ئۈلگۈرمىدى.
- 1712قەدىرسىز ياشىغىنىڭدىن، قەدىرلىك ئۆلگىنىڭ ياخشى.
- 1713قەدىرلىگىن ۋاقتىڭنى، ئىشەنمىگىن ئۆمرۈڭگە.
- 1714قەدىناستىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ، قەدىم جايدىن ئايرىلما چەت بولسىمۇ.
- 1715قەرز سوزۇلسا قالىدۇ، ئاغرىق سوزۇلسا ئالىدۇ.
- 1716قەرزداردىن پۈتكەننى ئال، تۈگىمەندىن چىققاننى.
- 1717قەرزدارنىڭ قەبرىسى يوق.
- 1718قەرزنى ئېلىپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي، تۇغۇلۇپ ئۆلمىگنىڭنى.
- 1719قەرزى بار كىشىنىڭ يۈرىكىدە دەزى بار.
- 1720قەرىزدارنىڭ تىلى قىسقا.
- 1721قەست قىلغاننى پەس قىل.
- 1722قەسەمخورنىڭ ئۆمرى قىسقا.
- 1723قەشقەرنىڭ قىشى ئاز، سوغۇق ئەتىياز.
- 1724قەيەر ئاغرىسا، جان شۇيەردە.
- 1725قەيەرگە يىقىلىشىمنى بىلسەم، شۇ يەرگە پاخال سېلىپ قۇياتتىم.
- 1726كاسىپ قېرىسا، ھۈنىرىمۇ قېرىيدۇ.
- 1727كاككۇك ئۆز ئىسمىنى قىچقىرار.
- 1728كالا ئۆلسىمۇ، كۆزىنىڭ ئالىسى ئۆلمەس.
- 1729كالاڭ ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
- 1730كاللا ئۈتلەپ قۇلاق يەپتۇ، پاچاق ئۈتلەپ تۇياق.
- 1731كاللىنىمۇ يېمە، چىشىنىمۇ چاقما.
- 1732كالىلار سۇ ئىچسە، موزايلار مۇز يالايدۇ.
- 1733كالىنى ساتقاندا ماختا، سۈتىنى ساغقاندا.
- 1734كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىرقىرايدۇ.
- 1735كالىنىڭ گۆشى بىر كۈن، سۈتى ھەر كۈن.
- 1736كان قازغان بايلىق تاپار، سۆز قازغان يامانلىق.
- 1737كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن.
- 1738كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار.
- 1739كونا ئۇستىخاننى ئىت غاجىماس.
- 1740كونا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى.