ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.

Latin · ULY
Qiriq yilda bay bilen kembeghel tengshilidu.
Кирил · USY
Қириқ йилда бай билән кәмбәғәл тәңшилиду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1باي بىلەن داۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما.
  2. 2گۈل گۈلى بىلەن، مال خىلى بىلەن.
  3. 3كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
  4. 4مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى بىلەن.
  5. 5باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
  6. 6باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
  7. 7باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
  8. 8باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش