ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.

Latin · ULY
Tughqandin yamanlighan eqilning yoqluqi, tamaqtin yamanlighan qorsaqning toqluqi.
Кирил · USY
Туғқандин яманлиған әқилниң йоқлуқи, тамақтин яманлиған қорсақниң тоқлуқи.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  2. 2ياخشى ئاش ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن.
  3. 3يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.
  4. 4ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.
  5. 5كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
  6. 6دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  7. 7يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  8. 8يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش