ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان ئاغرىقنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.

Latin · ULY
Turmighan méhmanning ketkini yaxshi, saqaymighan aghriqning ölgini yaxshi.
Кирил · USY
Турмиған меһманниң кәткини яхши, сақаймиған ағриқниң өлгини яхши.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  2. 2ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  3. 3ئەلەڭ-سەلەڭ ئاغرىغاندىن، پۇلاڭ-سالاڭ ئۆلگەن ياخشى.
  4. 4چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس.
  5. 5ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  6. 6تۇغقاننىڭ بارى ياخشى، بۈگۈن قىچقارسا ئەتە«ھە»دېسىمۇ ياخشى.
  7. 7كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش.
  8. 8مېھمان مېھماندىن قىزغىنار، ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىسىدىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش