مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئەزرائىل جان دېسە، بەش بالا نان دەيدۇ.
  2. 2كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
  3. 3نەپسى بالا- جانغا بالا.
  4. 4بالا،بالا بولغۇچە، ئانىسى موما بولار.
  5. 5مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا.
  6. 6ئوغۇل بالا تۇغۇلسا ئۆيۈڭگە بىر پەرىشتە قونار، قىز بالا تۇغۇلسا يەتمىش پەرىشتە.
  7. 7ئۇراي دېسەم يالغۇز بالام ، ئۇرماي دېسەم ياۋۇز بالام.
  8. 8ئەدەپلىك بالا ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەپسىز بالا ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش