ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.

Latin · ULY
Dosttin yamanlighan eqilning yoqluqi, tamaqtin yamanlighan qorsaqning toqluqi.
Кирил · USY
Досттин яманлиған әқилниң йоқлуқи, тамақтин яманлиған қорсақниң тоқлуқи.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  2. 2يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  3. 3ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  4. 4دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  5. 5ياخشى ئاش ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن.
  6. 6ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
  7. 7ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.
  8. 8ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش