ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

جاننى ئېلىپ قاچقان يول تاللىماس، قورسىقى ئاچقان نان تاللىماس.

Latin · ULY
Janni élip qachqan yol tallimas, qorsiqi achqan nan tallimas.
Кирил · USY
Җанни елип қачқан йол таллимас, қорсиқи ачқан нан таллимас.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1قورساقنىڭ ئاچقىنى، ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
  2. 2چىراي تاللىماي مىجەز تاللا.
  3. 3بۆكىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى ئېلىپ كەپتۇ.
  4. 4قورسىقى ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، قورسىقى توقنىڭ كۆزى ئۈستىۋاشتا.
  5. 5قارىغۇغا يول كۆرسەتسە، ئۆزۈم تاپقان يول دەيدۇ.
  6. 6خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار، ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز.
  7. 7ياتار قورساق-كېتەر قورساق.
  8. 8تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش