ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.

Latin · ULY
Kishining eyibini manga dégen kishi , méniing eyibimni kishige der.
Кирил · USY
Кишиниң әйибини маңа дегән киши , менииң әйибимни кишигә дәр.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  2. 2كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.
  3. 3خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  4. 4كۈندۈزى ناخشا ئېيىتقان دەردى بار كىشى، كېچىسى ناخشا ئېيىتان يارى بار كىشى.
  5. 5بازاردا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
  6. 6جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
  7. 7ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  8. 8يەر كىشىنى يەيدۇ، كىشى يەرنى يەيدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش