ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

كىشىنىڭ ئېشىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرايدۇ.

Latin · ULY
Kishining éshini yéseng tiling qisqiraydu.
Кирил · USY
Кишиниң ешини йесәң тилиң қисқирайду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  2. 2ئۆزۈم يېسەم سېسىق ئېشىم، كىشىگە بەرسەم ئىسىت ئېشىم.
  3. 3كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.
  4. 4قەرىزدارنىڭ تىلى قىسقا.
  5. 5تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق مۇشت.
  6. 6كىشىنىڭ تىلىغا ئەمەس، دىلىغا قارا.
  7. 7يولسىزنىڭ تىلى قىسقا.
  8. 8خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش