ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.

Latin · ULY
Kishining yaxshiliqini kishige de, özige déme; kishining kemchilikini özige de, kishige déme.
Кирил · USY
Кишиниң яхшилиқини кишигә дә, өзигә демә; кишиниң кәмчиликини өзигә дә, кишигә демә.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2كىشىنىڭ ئون «ھە-ھۇ» سىدىن، ئۆزىنىڭ بىر غەيرىتى ياخشى.
  3. 3ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار، بىرى ياخشى تىۋىپ، بىرى ياخشى يار.
  4. 4سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  5. 5كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.
  6. 6خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  7. 7تۇغقاننىڭ بارى ياخشى، بۈگۈن قىچقارسا ئەتە«ھە»دېسىمۇ ياخشى.
  8. 8موللىنىڭ ياخشىسى تەمەرگە ئەمەس، مۇساپىرنىڭ ياخشىسى قەلەندەر.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش