ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

قېرىنىڭ چىشى يوق، تۆشكە ئامراق.

Latin · ULY
Qérining chishi yoq, töshke amraq.
Кирил · USY
Қериниң чиши йоқ, төшкә амрақ.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە.
  2. 2ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق ، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
  3. 3ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق.
  4. 4ئادەم قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرىسىمۇ يىلتىزى.
  5. 5ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق.
  6. 6ئارمىنى يوق ياش بولماس، ھەسرىتى يوق قېرى.
  7. 7قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا يوق.
  8. 8رەختى بارنىڭ بەختى يوق، بەختى بارنىڭ رەختى يوق.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش