ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

بارىغا خوتۇن ئىگە، يوقىغا ئەر.

Latin · ULY
Barigha xotun ige, yoqigha er.
Кирил · USY
Бариға хотун игә, йоқиға әр.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  2. 2خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال.
  3. 3خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات.
  4. 4ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  5. 5خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  6. 6يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  7. 7ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.
  8. 8خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش