ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ب» ھەرپى

235 ماقال

  1. 121بىر ياخشىلق ئۇنتۇلماس ، بىر يامانلىق.
  2. 122بىر ياخشىلىق مىڭ بالادىن قۇتقۇزار.
  3. 123بىر ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم، مىڭ ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم.
  4. 124بىر پاتمان ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر پاتمان يېرىڭ بولسۇن.
  5. 125بىر پىلەكتە ئون خەمەك، ھەربىرنىڭ تەمى بۆلەك.
  6. 126بىر پۇل بېرىپ ئۇسسۇلغا سالسا، ئون پۇل بېرىپ توختاتقىلى بولماس.
  7. 127بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇپتۇ.
  8. 128بىر چوڭنىڭ سۆزىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ.
  9. 129بىر گۆرگە سۇ كىرسە، مىڭ گۆرگە ئەنسىزچىلىك.
  10. 130بىر گۈل ئېچىلماق بىلەن باھار بولماس.
  11. 131بىر ھارغانغا گەپ قىلما، بىر ئاچقانغا.
  12. 132بىرتال باش، بىر قوشۇق ئاش.
  13. 133بىردىن بەرسەم يەتمەيدۇ، يېرىمدىن بەرسەم تويمايدۇ.
  14. 134بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس.
  15. 135بىرنى بىر كىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك.
  16. 136بىرنى كەسسەڭ، ئوننى تىك.
  17. 137بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا.
  18. 138بىرى ئۆلمىگۈچە، بىرى كۈن كۆرمەس.
  19. 139بىرى تويۇپ سەكرەيدۇ، بىرى توڭۇپ.
  20. 140بىرى چالما دەپ تاشلىۋەتسە، بىرى ئالما دەپ ئالار.
  21. 141بىزنىڭكىگە كەلسەك يەپلا، سېنىڭكىگە بارسام گەپلا.
  22. 142بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك.
  23. 143بىغەرەزدىن دوزاخ قېچىپتۇ.
  24. 144بىكار تۇرغۇچە، بىكار ئىشلە.
  25. 145بىكارچىنىڭ چولىسى يوق، قلغىلى ئىشى.
  26. 146بىلكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى.
  27. 147بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي- چوڭقۇرى تولا.
  28. 148بىلمىگەنگە ياخشىلىق قىلما، تىڭشىغانغا سۆز.
  29. 149بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، سورىماسلىق ئەيىب.
  30. 150بىلىكىڭ توم بولسا، دۈشمىنىڭ سالامغا كېلەر.
  31. 151بىلىم ئەقلنىڭ چىرىغى.
  32. 152بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان.
  33. 153بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش.
  34. 154بىلىمسىزگە ھال ئېيىتقۇچە، ئىچىڭگە سىڭىپ كەتسۇن.
  35. 155بىلىملىكنىڭ كۆزىدە ئالەم، بىلىمسىزنىڭ كۆزىدە مالەم.
  36. 156بىلگەن بىلگىىنى ئىشلەر، بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر.
  37. 157بىگىز قاپتا ياتماس، ئۆلۈك تاغاردا.
  38. 158بۆرىدىن قورۇققان، قوي باقماس.
  39. 159بۆرىسى يوق جاڭگال بولماس، ئوغرىسى يوق يۇرۇت.
  40. 160بۆرىمۇ يولدىشىغا قەست قىلماس.
  41. 161بۆرىنىڭ ئاغزى يېسىمۇ قان، يېمىسىمۇ قان.
  42. 162بۆرىنىڭ بالىسىمۇ بۆرە.
  43. 163بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن، تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان.
  44. 164بۆرىنىڭ قازىنى يوق، خام يەپ ئۆلگىنى يوق.
  45. 165بۆرە بالىسى تاغقا قاراپ ھۇۋلار.
  46. 166بۆرە تاپسا تەڭ ئورتاق، قاغا تاپسا دەرەخ بېشىدا.
  47. 167بۆرە دوستىغا قەست قىلماس.
  48. 168بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر.
  49. 169بۆرە يوق جاڭگالدا، مايمۇن پادىشاھ.
  50. 170بۆرە يۇڭىنى پاخپايتىپ، ئورۇقلۇقىنى بىلدۈرمەس.
  51. 171بۆشۈكتە كىرگەن خۇي ئۆلگەندە چىقار.
  52. 172بۆكىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى ئېلىپ كەپتۇ.
  53. 173بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە.
  54. 174بۇ دۇنيادا جان كېرەك، ئۇ دۇنيادا ئىمان.
  55. 175بۇ يەردە ئوغرى يوق، ھېلى قويغان ھېلى يوق.
  56. 176بۇرۇتقا خاپا بولسام، ساقال چىقتى.
  57. 177بۇزۇلمايدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر.
  58. 178بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى؟
  59. 179بۇغداي پاتمىغان ئاغزىمغا،موزايۋېشى بوش كەلدى.
  60. 180بۇغداينىڭ بارار يېرى تۈگمەن.
«ب» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى