ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

بۆرە يۇڭىنى پاخپايتىپ، ئورۇقلۇقىنى بىلدۈرمەس.

Latin · ULY
Böre yungini paxpaytip, oruqluqini bildürmes.
Кирил · USY
Бөрә юңини пахпайтип, оруқлуқини билдүрмәс.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1چىدىغان بۆرە گۆش يەيدۇ، چىدىمىغان بۆرە يۇڭ.
  2. 2مىڭلىققا بۆرە تەگسە، بىرلىككە پىچاق ئېلىپ يۈگۈرەر.
  3. 3بۆرە يوق جاڭگالدا، مايمۇن پادىشاھ.
  4. 4قوتانغا بۆرە كىرسە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
  5. 5لاچىن قاراپ تاپىدۇ، تۈلكە ماراپ، بۆرە پۇراپ.
  6. 6بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر.
  7. 7سەن بۆرىنى ئايىساڭ، بۆرە سېنى تالايدۇ.
  8. 8ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەر.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش