ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھايۋانلار
368 ماقال
- 121ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىدىن، ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى.
- 122ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قابىل دېھقان بوز ئاچار.
- 123ئۇياتسىز مۈشۈككە، قازاننىڭ ئېشى ئوچۇق.
- 124ئۇياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ.
- 125ئۇچماس توخۇ، كۆچمەس تام.
- 126ئۇچىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە ئۆزى بارار.
- 127ئۇۋىنى چىشى قۇش ياسار.
- 128ئۈلپىنىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
- 129ئېتى ئۇلۇغ، سۇپىرىسى قۇرۇق.
- 130ئېشىكىم ئوبدان ئېشەك، كۆتۈرۈشى تۆت تال كېسەك.
- 131ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار.
- 132ئېشەك ئۆلۈۋاتسا، كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.
- 133ئېشەك باينىڭ، تاغار باينىڭ، يىقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
- 134ئېشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى، مۈشۈك بىلمەس سۆڭەڭ قەدرىنى.
- 135ئېشەك دۇلدۇل بولالماس.
- 136ئېشەك سەمرىسە ئوقۇرىغا تېزەكلەر.
- 137ئېشەك كۈل تاپسا ئېغىنار.
- 138ئېشەك ھارسا قۇشقۇندىن كۆرىدۇ.
- 139ئېشەك-ئېشەكتىن قالسا، قۇلىقىنى كەس.
- 140ئېشەككە ئالتۇن ئېگەر توقۇلسىمۇ، يەنىلا ئېشەك.
- 141ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى.
- 142ئېشەككە مىنگەننىڭ پۇتى تىنچىماس.
- 143ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە، پوققا يۈگىرەيدۇ.
- 144ئېشەكنىڭ ئۆزى تېگىشلىك بولمىغان، كۈچى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ.
- 145ئېشەكنىڭ ھۈنىرى ھاڭراش.
- 146ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم.
- 147ئەتىيازدا توخۇ تويماس.
- 148ئەر ئۆلسە ئېتى قالار، ئات ئۆلسە ئېگىرى.
- 149ئەر يېڭىلىپ قولغا چۈشەر، قۇش يېڭىلىپ تورغا.
- 150ئەرسىز خوتۇن يۈگەنسىز ئات.
- 151ئەركىلىتىۋەرسەڭ ئېشەككە مۈڭگۈز چىقىدۇ.
- 152ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتقا پۇتلاش تولا.
- 153باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس.
- 154بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى.
- 155بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس.
- 156بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس.
- 157بىر ئادەمگە ئامەت كەلسە، ئۇنىڭ ئىت-مۈشۈكلىرىمۇ ئەتلىنىپتۇ.
- 158بىر ئىت قاۋىسا، ھەممە ئىت تەڭ قاۋاپتۇ.
- 159بىر پىلەكتە ئون خەمەك، ھەربىرنىڭ تەمى بۆلەك.
- 160بۆرىنىڭ بالىسىمۇ بۆرە.
- 161بۆرە بالىسى تاغقا قاراپ ھۇۋلار.
- 162بۆرە تاپسا تەڭ ئورتاق، قاغا تاپسا دەرەخ بېشىدا.
- 163بۆرە دوستىغا قەست قىلماس.
- 164بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر.
- 165بۆرە يوق جاڭگالدا، مايمۇن پادىشاھ.
- 166بۆرە يۇڭىنى پاخپايتىپ، ئورۇقلۇقىنى بىلدۈرمەس.
- 167بۇقا مۆرەيدۇ، پۇتى تىتىرەيدۇ.
- 168بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ.
- 169بۈركۈت بوراندىن قورۇقماس، باتۇر ئۆلۈمدىن.
- 170بېخىلنىڭ ئۆلۈكىنى ئىت يېمەس، تىرىكىنى پىت.
- 171بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ.
- 172بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا.
- 173بېلىق سۇغا تارتىدۇ، توشقان سايغا.
- 174تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرىدۇ.
- 175تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئېلىنار.
- 176تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس.
- 177تازغا مەنسەپ تەگسە، چەللىدە ئات چاپار.
- 178تاسما يېگەن ئىت ئۆلگۈچە خۇيىنى تاشلىماس.
- 179تاش ئاتقانغا ئاش ئات.
- 180تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكنى قوغلاپتۇ.