ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئەر ئۆلسە ئېتى قالار، ئات ئۆلسە ئېگىرى.

Latin · ULY
Er ölse éti qalar, at ölse égiri.
Кирил · USY
Әр өлсә ети қалар, ат өлсә егири.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئات ئۆلسە ئېگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە ئىسمى.
  2. 2خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات.
  3. 3ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار.
  4. 4ھارۋاڭ سۇنسا ئوتۇن بولار، ئېتىڭ ئۆلسە گۆش.
  5. 5ئات ئەر كىشىگە قانات.
  6. 6تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بوپتۇ.
  7. 7بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە.
  8. 8ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش