ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

بېرىشتە سانىقى توققۇز، ئېلىشتا سانى ئوتتۇز.

Latin · ULY
Bérishte saniqi toqquz, élishta sani ottuz.
Кирил · USY
Бериштә саниқи тоққуз, елишта сани оттуз.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1سەن كەلسەڭ نېمە ئېلىپ كېلىسەن، مەن بارسام نېمە ئېتىپ بېرىسەن.
  2. 2بىر پۇل بېرىپ ئۇسسۇلغا سالسا، ئون پۇل بېرىپ توختاتقىلى بولماس.
  3. 3قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ.
  4. 4قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.
  5. 5ئوتتۇز چىشتىن چىققان سۆز، ئوتتۇز ئەلگە تاارپتۇ.
  6. 6بۆكىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى ئېلىپ كەپتۇ.
  7. 7پالتاڭنى ئېلىپ تاغقا يۈر، سېۋىتىڭنى ئېلىپ باغقا.
  8. 8قارلىغاچ قارلىغاچقا دان بېرىدۇ، قېرىنداش قېرىنداشقا جان بېرىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش