ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ئا» ھەرپى
256 ماقال
- 121ئازگال يەر سۇ ئىچكۈچە، دۆڭ يەر نەم تارتىدۇ.
- 122ئاستا ماڭغان تاغ ئاشار، يۈگۈرگەن باغ.
- 123ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
- 124ئاسقۇدا گۆشى بولسا، بىر كۈنى مېھمانغا يارار.
- 125ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم جان تاتلىق.
- 126ئاسمان يەرگە يامغۇر ياغدۇرسا، يەر ئاسمانغا توزان توزۇتار.
- 127ئاسمانغا تۈكۈرسەڭ، يۈزۈڭگە چۈشەر.
- 128ئاسمانغا چىقسا تاپىنىدىن، يەرگە كىرسە كوكولىسىدىن.
- 129ئاسماننىڭ باسقۇچى يوق.
- 130ئاسماننىڭ قۇشىنى يەرنىڭ يېمى ھالاك قىلار.
- 131ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپتۇ.
- 132ئاش قەدرىنى بىلمىسەڭ، ئاچلىق بەرسۇن جاجاڭنى.
- 133ئاش كەلسە ئاغزىڭنى ئاچ، سۇ كەلسە سۈڭگۈچۈڭنى.
- 134ئاشتىن يامانلىغان تاۋاق چاقىدۇ.
- 135ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار.
- 136ئاشلىق ئاسان ، جۇدالىق تەس.
- 137ئاشلىق يولى ئازاب يولى.
- 138ئاشلىقتا ئۆلۈم كۆزگە كۆرۈنمەس.
- 139ئاشلىققا باغداد يىراق ئەمەس.
- 140ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما.
- 141ئاشنى باداڭدىن سورا ، ئىشنى كاداڭدىن.
- 142ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە.
- 143ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن، ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن.
- 144ئاغرىق كۈچۈيسە جېنىڭنى ئالار، دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى.
- 145ئاغرىمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
- 146ئاغزى ئىتتىكنىڭ دوستى ئاز.
- 147ئاغزى شېكەر، كۆڭلى زەھەر.
- 148ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
- 149ئاغزى يامان دەپ تويماس، نەپسى يامان يەپ تويماس.
- 150ئاغزى يۇمشاق موزاي قوش ئەمچەك ئېمەر.
- 151ئاغزى يۇمشاق گۆش يەيدۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت.
- 152ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق.
- 153ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە.
- 154ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قولۇڭ ئىشتا بولسۇن.
- 155ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى ئىت.
- 156ئاق سۆيدۈرەر، قارا كۆيدۈرەر.
- 157ئاق قويدىن قارا قويمۇ تۇغۇلىدۇ.
- 158ئاقساق يول تالىشار، پىخسىق پۇل.
- 159ئاقنىڭ سەتلىكى بىلىنمەس، قارىنىڭ چىرايلىقى.
- 160ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.
- 161ئاكا-ئۇكىنىڭ ئازارى بولسىمۇ، بىزارى يوق.
- 162ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ.
- 163ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق.
- 164ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنىچى ئايدا كالتە چاپان.
- 165ئالتۇن ئوتتار بىلىنەر، ئادەم مېھنەتتە.
- 166ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز.
- 167ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە، پاخمىۋاش ئاناڭ بىلەن قال.
- 168ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسۇن، ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن.
- 169ئالتۇن كۆرگەندە پەرىشتە يولدىن ئېزىپتۇ.
- 170ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.
- 171ئالتۇنلۇق ئۆيدىن كۆڭۈلنىڭ تېنىچلىقى يامان.
- 172ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگار بىلۇر.
- 173ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر چاپانغا يەتمەپتۇ.
- 174ئالتە ئاي ياز ئىشلەپ، قالدىم لېۋىمنى چىشلەپ.
- 175ئالتە ئۆلچەپ بىر كەس.
- 176ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە.
- 177ئالتە تەڭگەم بار، ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار، قىز ئالىمەن.
- 178ئالتە كۈنلۈك مېھمان.
- 179ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن ھارۋا قاتنايدۇ.
- 180ئالدى چاق نەدە ماڭسا، كەينى چاق ئىزدا ماڭىدۇ.