ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.

Latin · ULY
Yaman at igisni yerge atar, yaman dost dostini düshmen'ge satar.
Кирил · USY
Яман ат игисни йәргә атар, яман дост достини дүшмәнгә сатар.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  2. 2ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
  3. 3دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  4. 4ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  5. 5دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  6. 6ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد.
  7. 7ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
  8. 8ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش