مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  2. 2دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  3. 3ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  4. 4ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
  5. 5ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.
  6. 6تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  7. 7يامانلىق بىردەملىك، ياخشىلىق ئۆلگۈچىلىك.
  8. 8يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش