ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 1321ساردىن لاچىن تۇغۇلۇپتۇ.
- 1322سارنىڭ چۈجىگە ئىچى ئاغرىماس.
- 1323سارىخان ئاچام ئۆيدە، ئەخلەت، كۈلى تۆردە.
- 1324ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقىپتۇ.
- 1325ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس.
- 1326ساقلىساڭ يۈز كۈنلۈك، ساقلىمىساڭ بىر كۈنلۈك.
- 1327ساقلىق- بايلىق.
- 1328ساقىلىڭنىڭ ئېقى بار، بالىلىقنىڭ تېخى بار.
- 1329سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل.
- 1330سامان ئوتۇن بولماس، جالاپ خوتۇن بولماس.
- 1331سانىماي سەككىز دېمە.
- 1332سايدا تاش تېپىلماپتۇ، ئاختارمىدا داڭگال.
- 1333سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە.
- 1334ساپ ھاۋا تەنگە داۋا.
- 1335ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە، گۆھەر ئۈچۈن كۈكۈم-تالقان بول.
- 1336ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك.
- 1337سودا-سېتىق پۇلدىن باشقىنى تونۇماس.
- 1338سودىدا دوست يوق.
- 1339سودىگەرنىڭ جېنى پۇل، خوتۇن تۇل.
- 1340سودىگەرنىڭ يولى بىر، رىزقى باشقا.
- 1341سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.
- 1342سوراشقا ماھىر تاغدىن ئۆتەر، سورىمىغان تۈزلەڭدىمۇ تېنەر.
- 1343سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
- 1344سوراپ بىلىش ئەيىب ئەمەس.
- 1345سورىمىغان سۇئالغا جاۋاب بەرمە.
- 1346سورىمىغانغا گەپ يوق، ئۇچرمىغانغا سالام.
- 1347سوقۇشقاق خوراز سەمىرمەس.
- 1348سوقۇشۇشتا قورققان خوراز، چىللاشتىن قالىدۇ.
- 1349سىر بەرگەنلىك جان بەرگەنلىك.
- 1350سىردىشىشىقا ئۆز ياخشى، سۆيۈشكە يات.
- 1351سىنالمىغان ئاتقا يۈك ئارتما.
- 1352سىيگەك سۇغا ئامراق.
- 1353سىڭمىگەن پولودىن ، سىڭمىگەن ئۇماچ ياخشى.
- 1354سۆرەلمە پايدىدىن، ئەپچىل زىيان ياخشى.
- 1355سۆز بىلەن پولو پىشماس، ماي بىلەن گۈرۈچ لازىم.
- 1356سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول بەرگەن ئوزۇق.
- 1357سۆز تېپىلغاندا يار يوق، يار تېپىلغاندا سۆز.
- 1358سۆزدىن سۆز چىقار، شورىدىن تۇز.
- 1359سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم.
- 1360سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى.
- 1361سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.
- 1362سۆزنى قىلىشتىن ئاۋۋال، ئېغىزدا چايناپ كۆر.
- 1363سۆزنىڭ ئېزى ياخشى، ئاشنىڭ تۇزى.
- 1364سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى.
- 1365سۆزى توغرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈستۈن.
- 1366سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل.
- 1367سۆيمىگەنگە سۈركەلمە.
- 1368سۆيمەك ئاسان، كۆيمەك تەس.
- 1369سۆيگۈ پۇلغا سېتىلماس، كۆڭۈل پۇلغا تېپىلماس.
- 1370سۆيگەن ئوتتەك ئىسسق، سۆيمىگەن پوقتەك سېسىق.
- 1371سۆيگەن كىشىنىڭ ئەيىبى كۆرۈنمەس.
- 1372سۇ ئىچكەن كۆلگە تۈكۈرمە.
- 1373سۇ ئەكەلگەن خار، كوزا سۇندۇرغان ئەزىز.
- 1374سۇ باشتىن لاي.
- 1375سۇ تاشسا دۆڭگە چاپ.
- 1376سۇ تالاشساڭ بېشىنى تالاش.
- 1377سۇ تۆۋەنگە ماڭىدۇ، تۈتۈن يۇقىرىغا.
- 1378سۇ كېتىدۇ، تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ، قاش قالىدۇ.
- 1379سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر.
- 1380سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇت.