ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 1261دېمىگەننى دېگۈچى چىقار، يېمىگەننى يېگۈچى.
- 1262دېھقاننىڭ بۇرنىغا يەر پۇراپتۇ.
- 1263دېھقانچىلىق گاھىدا چىلىق-چىلىق، گاھىدا قۇرۇقچىلىق.
- 1264دەرد قورۇقى كېتەر، ئاچ قورۇقى كەتمەس.
- 1265دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق.
- 1266دەرد كەلگەندە دەرمان كېتەر.
- 1267دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك.
- 1268دەردى يوق- ئالەمدە يوق.
- 1269دەردى يوققا ۋاي چىشىم دېمە.
- 1270دەريا تېشىپ كەتسە، ئۆردەكنىڭ نېمە ئىشى.
- 1271دەريادىكى بېلىقىنىڭ باھاسى يوق.
- 1272دەريانى توسقىلى بولار، ئەل ئاغزىنى توسقىلى بولماس.
- 1273دەسلەپكى بىلەن ئۆي تۇتمىساڭ، ئۆلگۈچە پوشايمان.
- 1274دەشنەم يېگىنىم، بەش نان يېگىنىم.
- 1275دەللالنىڭ دەسمايىسى يالغانچىلىق.
- 1276دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىماس.
- 1277دەۋا كەچەيسە پۇلۇڭنى ئالار، ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى.
- 1278دەۋاگەر سۇس كەلسە، قازى مۇتتەھەم بولار.
- 1279رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتىدۇ.
- 1280راست ئېيىتقان قۇتۇلار، يالغان ئېيىتقان تۇتۇلار.
- 1281راست ئېيىتىڭ قۇتۇلدۇڭ، يالغان ئېيتىڭ تۇتۇلدۇڭ.
- 1282راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولالماس.
- 1283راست گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
- 1284راست گەپكە سۇئال يوق.
- 1285راست گەپنىڭ خىجالىتى يوق.
- 1286راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
- 1287راسلىق-ھەقلىق.
- 1288رودۇپاي كالتەكتىن قورقىدۇ.
- 1289روزىنى مەن تۇتسام، ھېيىتنى باشقىلار ئوينىدى.
- 1290رەختى بارنىڭ بەختى يوق، بەختى بارنىڭ رەختى يوق.
- 1291رەمچى سالىدۇ رەمنى، كۆڭۈلگە سالىدۇ غەمنى.
- 1292رەمچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى ياخشى.
- 1293رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.
- 1294زاتى پەسنىڭ تېگى پەس.
- 1295زارلىغانغا كەلمەيدۇ، قارىغانغا بەرمەيدۇ.
- 1296زاغرىنى يەپ، ناغرىنى چال.
- 1297زامان تۈزەلسە، يامانمۇ تۈزىلەر.
- 1298زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ.
- 1299زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق.
- 1300زامانغا قاراپ ئىش تۇت، يوتقانغا بېقىپ سۇن پۇت.
- 1301زامانەڭ تۈلكە بولسا، سەن ئۇنىڭ تايغىنى بول.
- 1302زاھىتلىققا سەللە نە كېرەك، مۇھەببەتكە دەللە.
- 1303زورلۇقنىڭ ئاقىۋېتى خورلۇق.
- 1304زىخمۇ كۆيمىسۇن، كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن.
- 1305زىغىر تېرىغان يەر، كېزىك بولغان ئەر.
- 1306زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
- 1307زھەرلىك يىلاننىڭ قاسىرىقى ئالا.
- 1308زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، قوپال كۆپۈپ.
- 1309زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن، چۈشىدە نان.
- 1310زەردار مېلىنى ماختار، گاداي بالىسىنى.
- 1311زەرنىڭ دوستى تولا، زەگەرنىڭ دۈشمىنى.
- 1312زەھەرنى زەھەر ئالىدۇ.
- 1313سائىتى كەلگەندە سەپەر قىل.
- 1314ساتمىدا قىلغان گەپنى، سارايدا قىلغىلى بولماس.
- 1315ساتىراش باشقا قارايدۇ، ياماقچى ئاياغقا.
- 1316ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
- 1317ساختىپەز ناداننى تاپىدۇ، بىلىملىكتىن قاچىدۇ.
- 1318سار چۈجىنىڭ چۈكۈلدىغىنىغا خۇش.
- 1319ساراڭغا سوت يوق.
- 1320ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، چالمىنىڭ قوڭى.