ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 1141جان كۈندە چېچەكلەمدۇ، قوغۇن كەندە خەمەكلەمدۇ
- 1142جان چىققاندا ياسىننىڭ نېمە كېرىكى.
- 1143جان چىقمىغۇچە خۇي چىقماس.
- 1144جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەس.
- 1145جاننى ئېلىپ قاچقان يول تاللىماس، قورسىقى ئاچقان نان تاللىماس.
- 1146جاننى پۇلغا ئالغىلى بولماس.
- 1147جاي بەرگەنگە جان بەر.
- 1148جايى يوقنىڭ جېنى يوق.
- 1149جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق.
- 1150جاپانىڭ تېگى راھەت.
- 1151جاڭگال ئارقىسىدىكى كۆرۈنەر، بۇرۇن ئاستىدىكى كۆرۈنمەس.
- 1152جاڭگالدا يوقالغان ئىشەكنى، ئۆيدىكى مومايدىن سوراپتۇ.
- 1153جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك، شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ.
- 1154جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق.
- 1155جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
- 1156جاھىل ئۆز بېشىنى يەر.
- 1157جمغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە.
- 1158جىرتاق خوتۇنغا چاپاق ئەر.
- 1159جىق بولسا كېتەر، ئاز بولسا يېتەر.
- 1160جىقنى دەپ ئازدىنمۇ قۇرۇق قاپتۇ.
- 1161جىم تۇرغان تامغا ئۈسمە.
- 1162جىم ياتقان يىلاننى قوزغىما.
- 1163جىمغۇرنىڭ چىشى قولتۇقىدا.
- 1164جىندىن قېچىپ ئالۋاستىغا ئۇچراپتۇ.
- 1165جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا.
- 1166جىننىڭ گېپىنى قىلسا جىن چىقار.
- 1167جېدەل نەدىن كېلەر تالاشتىن، بالا نەدىن كېلەر قاياشتىن.
- 1168جېدەلنى باشلىغان لاپچى، ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى.
- 1169جېنىدىن تويغان جاھانغا سىغماس.
- 1170جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، ئىز باسىدۇ مىڭ كىشى.
- 1171جەڭنىڭ بىر جەڭ، توققۇزى رەڭ.
- 1172خامان ئالماق-شەھەر ئالماق.
- 1173خاننىڭ قىزى چۆمۈچ تۇتسا، قولى قاپىرىپتۇ.
- 1174خانىۋەيران قىلسا قىلسۇن، داغى پەرزەنت قىلمىسۇن.
- 1175خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال، ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن.
- 1176خوتۇن بىشەم بولسا، سەب بىغەم بول.
- 1177خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار، ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز.
- 1178خوتۇن خەقنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا.
- 1179خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال.
- 1180خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات.
- 1181خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار.
- 1182خوتۇن كىشى لاپ بىلەن يۈرەر، ئۇستىرا كاپ بىلەن.
- 1183خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
- 1184خوتۇن كىشىنىڭ جېنى قىرىق بىر.
- 1185خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر.
- 1186خوتۇنسىز ئەر قىرسىز يەر.
- 1187خوتۇنغ ئامراق بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ.
- 1188خوتۇنغا ئىشەنمە، قومۇشقا يۆلەنمە.
- 1189خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى بارقار، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى.
- 1190خوتۇننىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە گۈرۈچ، ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە ئۇرۇش.
- 1191خوتۇنۇم ئۆلدى، قامچام سۇندى.
- 1192خوتۇنۇڭ ئەقىللىق بولسا، كۆڭلۈڭ يورۇق بولار.
- 1193خوتۇنۇڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دېسەڭ، قوشناڭ بىلەن ئۇرۇشقاندا قاراپ تۇر.
- 1194خوجامنىڭ خوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىىسى.
- 1195خوجامنىڭ قورسىقى توق، قىلغىلى ئىشى يوق.
- 1196خوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
- 1197خورازنىڭ تاجىسى بولغۇچە، تۆگىنىڭ قۇيرىقى بول.
- 1198خىل خىلى بىلەن، پىچاق قىنى بىلەن.
- 1199خىل خىلىغا، گۈل گۈلىگە.
- 1200خىيال كېچىدە ئېچىلار، گۈل سەھەردە.