ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دېھقانچىلىق گاھىدا چىلىق-چىلىق، گاھىدا قۇرۇقچىلىق.

Latin · ULY
Déhqanchiliq gahida chiliq-chiliq, gahida quruqchiliq.
Кирил · USY
Деһқанчилиқ гаһида чилиқ-чилиқ, гаһида қуруқчилиқ.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئىشلىگەن چىلىق-چىلىق، ئىشلىمىگەن قۇرغاقچىلىق.
  2. 2سۇ-يەرنىڭ قېنى، يەر- دېھقاننىڭ جېنى.
  3. 3خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى بارقار، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى.
  4. 4ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق ، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
  5. 5دېھقاننىڭ بۇرنىغا يەر پۇراپتۇ.
  6. 6ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قابىل دېھقان بوز ئاچار.
  7. 7تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
  8. 8قۇرۇق سۆڭەكنى ئىت غاجىماس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش