ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، قوپال كۆپۈپ.

Latin · ULY
Zérek tépip sözleydu, qopal köpüp.
Кирил · USY
Зерәк тепип сөзләйду, қопал көпүп.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
  2. 2ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە.
  3. 3سۆز تېپىلغاندا يار يوق، يار تېپىلغاندا سۆز.
  4. 4سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم.
  5. 5قىڭغىر ئولتۇرساڭمۇ تۈز سۆزلە.
  6. 6ئات كىشنەشكۈچە، ئادەم سۆزلەشكۈچە.
  7. 7ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقا ئەخمەقلىق كېرەك.
  8. 8سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش