ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.

Latin · ULY
Rehmi yoq ademdin, rehmi bar it yaxshi.
Кирил · USY
Рәһми йоқ адәмдин, рәһми бар ит яхши.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق.
  2. 2ۋاپاسىز ئادەمدىن ۋاپادار ئىت ياخشى.
  3. 3ئادەم ئادەمدىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس.
  4. 4ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  5. 5ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىىشىپ كۆچەر.
  6. 6ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى ئىت.
  7. 7سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  8. 8ئەقلى يوق باشتىن سۈيى يوق قاپاق ياخشى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش