ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1201خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس.
  2. 1202خۇشامەتچى بېلىدىن قېرىيدۇ، ماختانچاق ئاغزىدىن.
  3. 1203خۇشامەتچىنىڭ چىشى بولسىمۇ، سۆڭەك غاجار.
  4. 1204خۇشياقماسقا ئىش بۇيرۇساڭ، ئالتىنچى ئايدا قولى توڭۇپتۇ.
  5. 1205خۇمداندا خىش تولا، قىلاي دېسەم ئىش تولا.
  6. 1206خۇيلۇق قىز ئۆي تۇتالمايدۇ.
  7. 1207خۇيى ياماننىڭ پەيلى يامان.
  8. 1208خۇيىنى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما.
  9. 1209خېمىر، ئۇچىدىن پېتىر.
  10. 1210خېنىمنىڭ قېشىنى كۆرۈڭ، تاۋىقىنىڭ تېشىنى.
  11. 1211خەقنىڭ ئىشىغا تومۇزدىمۇ قول توڭلايدۇ.
  12. 1212خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  13. 1213خەلق ئېيىتماس، ئېيىتسا خاتا بولماس.
  14. 1214خەلق ياندۇرغان چىراغنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر.
  15. 1215خەلق«پۈۋ»دېسە بوران چىقىدۇ.
  16. 1216دادام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا.
  17. 1217دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
  18. 1218دام ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.
  19. 1219دانا قەدرىنى ئەخمەق بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق.
  20. 1220دانا كىشى ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلار.
  21. 1221داننى بۇ يەردىن يەپ، باشقا يەردە تۇخۇملاپتۇ.
  22. 1222داپقا بېقىپ ئۇسسۇل.
  23. 1223دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
  24. 1224دوزاخقا ئۆگەنگەن كۆڭۈل، بېھىشقا كۆنمەپتۇ.
  25. 1225دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
  26. 1226دوست بول، سىرىنى بىل.
  27. 1227دوست كۆپ، توغرىسى ئاز.
  28. 1228دوست كەينىڭدىن ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا.
  29. 1229دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما.
  30. 1230دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  31. 1231دوستقا ئىناق بول، دۈشمەنگە يىراق.
  32. 1232دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  33. 1233دوستنىڭ ئاتقان تېشى باشنى يارماس.
  34. 1234دوستنىڭ دوستلۇقى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
  35. 1235دوستنىڭ كونىسى ياخشى، چاپاننىڭ يېڭىسى.
  36. 1236دوستۇڭ ئۈچۈن زەھەر يۇت.
  37. 1237دوستۇڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
  38. 1238دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  39. 1239دوستۇڭغا دەرد كەلسە، دۈشمىنىڭنىڭ تويى بولار.
  40. 1240دوك گۆرگە كىرگەندە تۈزىلەر.
  41. 1241دوپپىسىنى ئال دېسە، بېشىنى ئاپتۇ.
  42. 1242دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى.
  43. 1243دۆتكە نەسىھەت كار قىلماس، قارىغا سوپۇن.
  44. 1244دۆتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى.
  45. 1245دۆلەت ئەرنى يىقىتار، شامال يەرنى قۇرۇتار.
  46. 1246دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا، سۇمۇرغ كېلەر ئۇنىڭ قېشىغا.
  47. 1247دۆلەت كەتسە كەتسۇن، سۆلەت كەتمىسۇن.
  48. 1248دۆڭنى كۆرۈپ تاغ دېمە، گۈلنى كۆرۈپ باغ.
  49. 1249دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۆزەتكە.
  50. 1250دۇنيا دېگەن قولنىڭ كىرى
  51. 1251دۇنيادا ئىككى ئۆلۈم يوق، بىرىدىن قۇتۇلغان ھېچكىم يوق.
  52. 1252دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ نېمە غېمى.
  53. 1253دۇنيانىڭ ئىشىنى ئاخىرەتكە قالدۇرما.
  54. 1254دۈشمەن تاش سانىسا، خەلق قۇم سانايدۇ.
  55. 1255دۈشمەن قاچقاندىن كېيىن باتۇر كۆپىيەر.
  56. 1256دۈشمەن قەستلەر، دوست قۇتۇلدۇرار.
  57. 1257دۈشمەننى ئۆيۈڭگە يوللاتما، قارىياغاچنى بېغىڭغا.
  58. 1258دۈشمەنگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
  59. 1259دۈمبىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە كېلەر.
  60. 1260دېسەڭ گەپ بولىدۇ، دېمىسەڭ دەرد.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى