ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.

Latin · ULY
Zimistan körmigen bulbul, baharning qedrini bilmes.
Кирил · USY
Зимистан көрмигән булбул, баһарниң қәдрини билмәс.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئېشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى، مۈشۈك بىلمەس سۆڭەڭ قەدرىنى.
  2. 2ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
  3. 3دانا قەدرىنى ئەخمەق بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق.
  4. 4مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  5. 5ئاتا ئۆلمەي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
  6. 6ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
  7. 7ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ. ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
  8. 8ئاغرىمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش