ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ساتىراش باشقا قارايدۇ، ياماقچى ئاياغقا.

Latin · ULY
Satirash bashqa qaraydu, yamaqchi ayaghqa.
Кирил · USY
Сатираш башқа қарайду, ямақчи аяғқа.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئاياغقا تارتساڭ باشقا يوق، باشقا تارتساڭ ئاياغقا.
  2. 2يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  3. 3يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.
  4. 4ياخشى قوشنا دەردكە ھەمدەم، يامان قوشنا باشقا مىڭ غەم.
  5. 5ئاغزى يامان دەپ تويماس، نەپسى يامان يەپ تويماس.
  6. 6كىيىمڭگە قاراپ قارشى ئالىدۇ، ئەقلىڭگە قاراپ ئۇزىتىدۇ.
  7. 7تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  8. 8ئىشقا قاراپ تاۋىقى، ھۆنىرىگە قاراپ سىمكارى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش