مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  2. 2پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  3. 3دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  4. 4ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  5. 5دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  6. 6ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
  7. 7دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
  8. 8يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش