ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان
120 ماقال
- 61سۆزنىڭ ئېزى ياخشى، ئاشنىڭ تۇزى.
- 62سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى.
- 63سۈيۈڭ مول-ئېشىڭ مول.
- 64سېرىقتالدا كەلگەن مېھمان، ئوغرى كەلگەندىنمۇ يامان.
- 65سەللە يوغان ئىمان يوق، دەرۋازا يوغان بىر نان يوق.
- 66سەللە يوغان باش كىچىك، داستىخان يوغان نان كىچىك.
- 67سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
- 68شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش چەش.
- 69قارادا پولۇ، يامغۇردا شورپا، بوراندا ئۇيقۇ.
- 70قارامنىڭ بېشى تاشقا تېگەر، زېرەكنىڭ ئاغزى ئاشقا.
- 71قازان ئالساڭ چېكىپ ئال، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ.
- 72قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغزىڭ بالدۇر ئاشقا تېگىدۇ.
- 73قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈشكە شۇ چىقار.
- 74قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى.
- 75قازانمۇ ياغ، چۆمۈچمۇ ياغ.
- 76قازاننىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ ياغ.
- 77قازاننىڭ گۇۋاھچىىسى چۆمۈچ.
- 78قازاننىڭ ھورى يامان، يىتىمنىڭ زارى.
- 79قوشناڭ كەلسە ئاشقا، چىرايىڭ بولمىسۇن باشقا.
- 80قونغۇچە مېھمان ئۇيىلار، قونغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى.
- 81قوينى قوتاندا سات، ئاشنى باداڭدا.
- 82قىزى يارىسا ئانىسىغا قارىما، ئېشى يارىسا قاچىسىغا.
- 83قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا.
- 84قېىتىق نانغا ئۈلگۈرمىدى، نان قېتىققا ئۈلگۈرمىدى.
- 85كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش.
- 86كۈتكەندە مېھمان كەلمەس، ياسانغاندا يىغا.
- 87كېلىش مېھماندىن، كېتىش ساھىبخاندىن.
- 88كەلگۈچە مېھمان ئۇيىلار، كەلگەندىن كېيىن ئۆي ئىگسى.
- 89مۇشت بەرگەنگە ئاش بەر.
- 90مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆچ سىنار.
- 91مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە.
- 92مېھمان قويدىن ياۋاش.
- 93مېھمان مېھماندىن قىزغىنار، ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىسىدىن.
- 94مېھماننىڭ ئۆزىنى باققۇچە، ئېتىنى باق.
- 95مېھماننىڭ مەستلىكى كەيپ، ساھىبخاننىڭ مەستلىكى ئەيىب.
- 96مەن بىلمەيدىغان بازار ئەمەس، پۇل بەرمىگۈچە نان بەرمەس.
- 97مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست.
- 98نان تۇرۇپ قالسا سۇغا يۈگۈر، سۇ تۇرۇپ قالسا گۆرگە.
- 99نان يۈز قولدىن ئۆتۈپ ئېغىزغا كىرەر.
- 100ناندانغا گەپ ئاڭلاتماق-تۆگىگە خەندەك كولاتماق.
- 101ناننى تۇنۇرنىڭ قىزىقىدا ياق.
- 102نەشپۈتنى نەۋرەڭگە قوي، شاپتۇلنى مېھمانغا.
- 103نەگە بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
- 104ياخشى ئاش ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن.
- 105ياخشى نىيەت ئاشقا، يامان نىيەت باشقا.
- 106ياشلار كەلسە ئىشقا، قىرى كەلسە ئاشقا.
- 107ياغاچ قازاندا ئاش بىر پىشار.
- 108يامانغا يولۇڭساڭ يالىىسى يۇقار، قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى.
- 109يامغۇر ياغدى-ياغ ياغدى، قار ياغدى نان ياغدى.
- 110يىرتىق تۆشۈكدىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن.
- 111يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە، بېشى تاشقا تېگىدۇ.
- 112يېپىقلىق قازان يېپىقىلىق پېتى قالسۇن.
- 113پىشمىغان ئاشتىن خام كاۋاپ ياخشى.
- 114پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
- 115چاپان كۆيسىمۇ كۆيسۇن، قازان قاينىسۇن.
- 116چىش چىققاندا بالىغا، چايناپ بەرگەن ئاش بولماس.
- 117گۇمان ئىماننى قاچۇرار، ئۇماچ مېھماننى.
- 118گەپنى ئويلاپ دە، ناننى چايناپ يە.
- 119گەپنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ پىشقىنى.
- 120ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.