مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كېسەللىك ئېغىزدىن كىرەر.
  2. 2گەپ ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتكەندە پىلدەك يوغىنار.
  3. 3مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن، بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى.
  4. 4ئېغىز ئېغىزدىن قالماس.
  5. 5بىر ئېغىزدىن چىققان سۆز، مىڭ ئېغىزغا يېيىلار.
  6. 6ئېغىز يېسە، يۈز ئۇيىلار.
  7. 7تەييار ئاشقا ئېغىز كۆپ.
  8. 8پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش