مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1مېھمان مېھماندىن قىزغىنار، ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىسىدىن.
  2. 2گۇمان ئىماننى قاچۇرار، ئۇماچ مېھماننى.
  3. 3قونغۇچە مېھمان ئۇيىلار، قونغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى.
  4. 4نەشپۈتنى نەۋرەڭگە قوي، شاپتۇلنى مېھمانغا.
  5. 5مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆچ سىنار.
  6. 6مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە.
  7. 7مېھماننىڭ مەستلىكى كەيپ، ساھىبخاننىڭ مەستلىكى ئەيىب.
  8. 8مېھماننىڭ ئۆزىنى باققۇچە، ئېتىنى باق.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش