ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1081تۇغقان يىراق بولسا كىشنىشىدۇ، يېقىن بولسا چىشلىشىدۇ.
  2. 1082تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  3. 1083تۇغقاننىڭ بارى ياخشى، بۈگۈن قىچقارسا ئەتە«ھە»دېسىمۇ ياخشى.
  4. 1084تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
  5. 1085تۇغۇلمىغان تاينىڭ دۈمبىسى يېغىر.
  6. 1086تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي، قەزىر بولۇپ تۆلىمىگىنىڭنى.
  7. 1087تۇل بولساڭمۇ، قۇل بولما.
  8. 1088تۇل خوتۇننىڭ چۈشىگە ئەر كىرىدۇ، باينىڭ چۈشىگە يەر.
  9. 1089تۇمشۇقىغا يېمەي، بۇرنىغا سۇ كىرمەس.
  10. 1090تۇمىغىنى ئال دېسە، بېشىنى كېسىپتۇ.
  11. 1091تۈتۈنسىز ئوت بولماس، نۇقسانسىز يىگىت.
  12. 1092تۈتۈننى بۇلۇت كۆرمەس، يۇندىسىنى ئىت.
  13. 1093تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ.
  14. 1094تۈرۈككە بىر تاياق، موللىغا ئون تاياق.
  15. 1095تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس.
  16. 1096تۈلكىنى كۆرەڭلەتكەن، يوۋاسنىڭ ھەيۋىسى.
  17. 1097تۈلكىنىڭ تېرىشى ئۆزىگە دۈشمەن.
  18. 1098تۈلكىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
  19. 1099تۈڭلۈكىدىن شامال كىرمەس، ئىشىكىدىن ئادەم.
  20. 1100تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قاپتۇ.
  21. 1101تۈگمەن بىر ئايلانغۇچە، ئىگىسى يۈز ئايلىنار.
  22. 1102تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماپتۇ.
  23. 1103تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار.
  24. 1104تېجەشلىك ئادەم قېيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر.
  25. 1105تېرىغان خامان ئالار، تېرىمىغان ئارمان.
  26. 1106تېرىق قۇلىقىدىن، بالا كىچىكىدىن.
  27. 1107تېرىقمۇ تېرىمايمەن، قۇشقاچمۇ قورۇمايمەن.
  28. 1108تېرەكتىن شاپتۇل تەمە قىلما.
  29. 1109تېرەڭدە داپ ئېتىمەن، سۆڭىكىڭدە ساپ.
  30. 1110تېزىنى باسساڭ مېزى چىقار.
  31. 1111تېزەكنى كوچىلىساڭ سېسىقى چىقار.
  32. 1112تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال.
  33. 1113تېكىنى سورىغۇچە ئۈزۈمىنى يە.
  34. 1114تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.
  35. 1115تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
  36. 1116تەرتىپنى سەن تاپساڭ، تەرتىپ سېنى تاپىدۇ.
  37. 1117تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ ئۆتمەس.
  38. 1118تەرلىگۈچە ئىشلە، تويغۇچە يە.
  39. 1119تەرىقەتنى ئىزدىسەڭ قىينىما جاننى.
  40. 1120تەسۋى تارتقاننىڭ ھەممىسى ئەۋلىيا ئەمەس.
  41. 1121تەشنا ئادەم چۈشىدە سۇ كۆرەر.
  42. 1122تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئال.
  43. 1123تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر.
  44. 1124تەمىنى بىلەي دېسەڭ تېتىپ كۆر، ئېپىنى بىلەي دېسەڭ ئېتىپ.
  45. 1125تەمەگەرنىڭ تامىقى قۇرۇق.
  46. 1126تەن ساقلىقى پادىشاھلىق.
  47. 1127تەن ساقىلىقى جاننىڭ راھىتى.
  48. 1128تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەن.
  49. 1129تەييار ئاشقا ئېغىز كۆپ.
  50. 1130تەييار ئىشنىڭ بېشىغا، ئاسان كېلەر قېشىغا.
  51. 1131تەييار گۆشنى يېگەن يولۋاس ئەمەس.
  52. 1132تەييارلىق بار يەردە بالا-قازا يوق.
  53. 1133تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە.
  54. 1134تەڭشەلمىگەن دۇنيا.
  55. 1135جاغدا قېرىماس، ئوغرى بېيىماس.
  56. 1136جان بار يەردە قازا بار.
  57. 1137جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.
  58. 1138جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
  59. 1139جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
  60. 1140جان كۈندە چېچەكلىمەس، جاننى ئاسرىساڭ، ۋاقىتنى چىڭ تۇت.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى