ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دوستۇڭغا دەرد كەلسە، دۈشمىنىڭنىڭ تويى بولار.

Latin · ULY
Dostunggha derd kelse, düshminingning toyi bolar.
Кирил · USY
Достуңға дәрд кәлсә, дүшминиңниң тойи болар.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  2. 2يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  3. 3دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق.
  4. 4ۋەتىنىگە مېھرى يوق ئوغلان بولالماس، دۈشمىنىگە قەھرى يوق پالۋان بولالماس.
  5. 5دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
  6. 6ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
  7. 7دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  8. 8ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش